باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تالىباننىڭ 25 ئەزاسىنى ئېتىۋەتتى

2016.08.15 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى تازىلاش ھەرىكىتىدە تالىباننىڭ 25 ئەزاسىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى، باياناتتا: ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ ئۆلكىدىكى بىر قانچە رايوندا تازىلاش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، تالىباننىڭ رەخمىتۇللا قاتارلىق قوماندانلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان 25 ئەسكىرىنى ئېتىۋەتتى، دېيىلدى. بىراق تالىبان: ھېلماند ئۆلكىسىدىكى بىر قانچە رايوندا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى بىتجىت قىلدۇق، دېدى.

  ھېلماند ئۆلكىسى كۆكنار تېرىش ۋە قوراللىق توقۇنۇش كۆپ يۈز بېرىش بىلەن داڭلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر