- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇنيا سودا تەشكىلاتى رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىن كىرگۈزگەن بىر قىسىم تاۋارلارغا يۇقىرى باج ئالغانلىقىغا كېسىم چىقاردى
2016.08.15 14:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۇنيا سودا تەشكىلاتى 12-ئاۋغۇست مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دوكلاتى ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلغان بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك ۋە ياسىمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بەك يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالغانلىقىغا كېسىم چىقىرىپ، رۇسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن چاغدا بەرگەن ئالاقىدار ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى دېدى.
رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇندىن بۇرۇن بۇ دېلوغا چېتىشلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلەتكەن، پات ئارىدا بۇ دېلوغا چېتىشلىق باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ.
رۇسىيە 2012-يىلى 8-ئايدا دۇنياغا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، بۇ-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 3-قېتىم سودا ماجىراسى مەسىلىسى بىلەن رۇسىيە ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر