باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جامېس كورىيەنىڭ ئالىي قاتلىمىنىڭ ساد سىستېمىسىنى كېڭەشكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى

2016.08.15 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جامېس 11-ئاۋغۇست كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىدا كورىيەنىڭ ھەربىي يۇقىرى قاتلامىدىكى زاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى كېڭەشكەن.

  جامېسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ساد سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. جامېس ساد سىستېمىسىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ساد 13 قېتىم توسۇش سىنىقى جەريانىدا نىشاننىڭ ھەممىسىگە تەگدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە قېتىملىق توسۇش سىنىقىنىڭ نىشانىدا چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەقلىد قىلىندى.

  جامېسنىڭ سادنى ماختىشى كورىيە خەلقىنى قايىل قىلالمايدۇ. سېئوڭجۇ ھۆكۈمىتى ئالدىدىكى مەيداندا، سادنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىمزاسى قويۇش ئورنى تەسىس قىلىندى. سېئوڭجۇ ساد ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 15-ئاۋغۇست يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ھۆرلىككە چىقىش بايرىمىدا سېئوڭجۇدا 815 ئادەم كوللىكتىپ چېچىنى چۈشۈرۈپ ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئەۋلادلار ئۈچۈن ئاداققىچە ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر