خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يېقىندا شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ چاڭدۇ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى خىزمەتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، دىن ئىناقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يۈ جېڭشېڭ 12-ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە شىزاڭنىڭ چاڭدۇ شەھىرىدە كارخانا، دوختۇرخانا، يېزا-كەنت ۋە زاڭزۇلار بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، يۈ جېڭشېڭ يەنە چاڭدۇ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى