باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى كېلەر يىلى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

2016.08.16 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. يېقىندا، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» ئېلان قىلىنىپ، جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىستېمىسىنىڭ قانۇنلۇق مۇقىم ئىش ئورنى ۋە قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى، تەربىيەلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى، خىزمەت قىلىدىغان، تۇرىدىغان رايونى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى، باج تاپشۇرۇشى، يېشى، شان-شەرەپكە ئېرىشىش، تەقدىرلىنىش ئەھۋالى، قانۇنغا رىئايە قىلىش خاتىرىسىدىن ئىبارەت توققۇز چوڭ كۆرسەتكۈچتىن تەركىب تاپىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات بولۇشى بىلەن، جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش، مۇشۇ قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن پاناھ ئىزدەش، خىزمەت يۆتكەشتىن كېيىنكى بېيجىڭ نوپۇسىغا ئىگە بولۇشنىڭ يەنە بىر يولى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ئۇدا يەتتە يىل تاپشۇرغانلار قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش دېگەنلىك ئۆلچەم سىستېمىسى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بارلارنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى مىقدارلاشتۇرۇپ، ھەر بىر تۈرلۈك ئۆلچەمگە نومۇر بېكىتىپ، ئومۇمىي نومۇرى بەلگىلەنگەن قىممەتكە توشقانلارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە دائىملىق تۇرۇش نوپۇسىنى ئىلتىماس قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. شەھەر تەرەققىياتى كۆپ قاتلاملىق ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قوللىشىغا موھتاج، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىستېمىسى ئاساسلىقى پايتەختنىڭ شەھەر ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ھازىرقى باسقۇچلۇق تەرەققىيات ئېھتىياجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، بېيجىڭغا كەلگىلى ئۇزاق بولغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىدۇ.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى «4+2+7» قىلىپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. يەنى، تۆت سالاھىيەت شەرتى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بولۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىدىن تۆۋەن بولۇشى، بېيجىڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان ۋاقتى يەتتە يىلدىن يۇقىرى بولۇشى، جىنايى ئىشلار بويىچە جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسى يوق بولۇشى كېرەك؛ ئىككى ئاساسىي ئۆلچەم: قانۇنلۇق مۇقىم ئىش ئورنى ۋە قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇشى كېرەك؛ يەتتە يېتەكچى كۆرسەتكۈچ: تەربىيەلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى، خىزمەت قىلىدىغان، تۇرىدىغان رايونى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى، باج تاپشۇرۇشى، يېشى، شان-شەرەپكە ئېرىشىش، تەقدىرلىنىش ئەھۋالى، قانۇنغا رىئايە قىلىش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر