باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ۋاقىتقا ئايرىپ پەرقلىق ھەق ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.08.16 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا تارقاتقان «تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ <تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش>قا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى تارقاتتى ۋە «پىكىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، 2016-يىلىدىن 2018-يىلغىچە بولغان كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرىنى بېكىتتى. ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ۋە پايدىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئەشيا-ئوبوروت تەننەرخىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىشىدە ئۈمىد بار.

  «پىكىر»دە كەلگۈسى بەش يىللىق تىرىشىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، ئىقتىسادى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك قاتناش تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، ئەشيا ئوبوروت ھەرىكەت ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. كونكرېت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى، كونتېينېر تىرانسپورتى نىسبىتىنى %15 كە يەتكۈزۈش، نۇقتىلىق پورتلارنىڭ كونتېينېرنى تۆمۈر يول-سۇدا ئۇلاپ توشۇش نىسبىتىنى يىلدا %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ يۈك توشۇش ساھەسىدىكى كارخانىلارغا چېتىشلىق نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، تاشيول يۈك تىرانسپورتىدىكى ئاپتوموبىلسىز توشۇش، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۇلانما تىرانسپورت تىجارەتچىسى، پىلاتفوما تىپلىق ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئەشيا ئوبوروتنىڭ ئۆلچەملىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قاتناش تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروت ئىناۋەت سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

  «پىكىر»گە ئاساسەن، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تاشيول ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت قەرز قايتۇرىدىغان 2-دەرىجىلىك تاشيولدا ھەق ئېلىشنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تاشيول ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىش؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ۋاقىتقا ئايرىپ پەرقلىق ھەق ئېلىش سىياسىتى ۋە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئالىدىغان ETC دىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھازىر بار بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاپتوموبىل قۇتقۇزۇش يېتەكچى باھاسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنى جازالاش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «قالايمىقان جەرىمانە قويۇش»، «جەرىمانە قويۇپ باشقۇرۇش» قاتارلىق ئەھۋاللاردىن قەتئىي ساقلىنىشتىن ئىبارەت.

  تۆمۈر يول، پورت، ئايرودۇرۇمنىڭ ھەق ئېلىش تۈرلىرىمۇ يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇمنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەندىن باشقا تۈرلەر بويىچە تىجارەت قىلىشنى بەلگىلەش، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلىش، مەجبۇرىي ھەق ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. پورتتىكى ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى زور دەرىجىدە كېمەيتكەن ئاساستا، پورتقا ئالاقىدار ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر