خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ئاۋغۇست كۇبا پايتەختى ھاۋانادا، كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى فېدېل كاسترو (ئوڭدىن ئۈچىنچى) ۋە ۋېنسۇئىلا زوڭتوڭى مادرو (ئوڭدىن ئىككىنچى) كارل ماركس تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
شۇ كۈنى، كۇبا خەلقى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئىنقىلاب رەھبىرى فېدېل كاسترونىڭ 90 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، كۇبانىڭ كاسترو رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن زور ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ روھىي مىراسلىرىغا نەزەر تاشلىدى. كاسترو شۇ كۈنى كەچتە تۇيۇقسىز ھاۋانادىكى كارل ماركس تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تەبرىكلەش پائالىيىتى نەقمەيدانىدا پەيدا بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى