باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ئۇدا بەش يىل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى

يىلىغا ئوتتۇرىچە 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى

2016.08.09 15:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ گۈللەنسە، مىللەت گۈللىنىدۇ. شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئاۋۋال مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى، 2015 - يىلىغا قەدەر شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىراجىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا بەش يىل %4تىن ئېشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ «ئاۋۋال مائارىپنى گۈللەندۈرۈش» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاساسلىقى يېزا، چېگرا، نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئەمەلىي ۋە ياخشى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. يېقىنقى بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېشىپ، بەش يىل ئىلگىرى يىلىغا 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولسا، مۇشۇ بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرىچە 50 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلدى. يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ بىناسىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويدى ھەم مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋالقى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مەملىكەت بويىچە باش بولۇپ قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ 2013 - يىلىدىن باشلاپ، مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە تۈرلەرنى بۆلۈشكەن، نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالغان يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى قۇردى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يىراقتىن ئوقۇتۇش سۇپىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن ئوقۇتقۇچىدىن 5000كىشى(قېتىم)دىن ئارتۇق ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى(قېتىم) ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر