باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى

7- ئاۋغۇستتىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ

2016.08.08 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ 2016- يىللىق ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا جەمئىي 9880 نەپەر (9530ى يەرلىكتىن، 350ى بىڭتۈەندىن ) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىكىلەرگە ھەمدە دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مايىللاشتۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىن 5945 ئادەم قوبۇل قىلىندىغان، ئۇلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ60.17% ىنى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن قوبۇل قىلىنغانلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ % 77ىنى ئىگىلەيدىكەن.

  بۇ يىل ئىجرا قىلىنىدىغان رايونلار بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇدىن ئىبارەت تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار شەھەر-يېزا دەپ ئايرىلماي، يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تەرتىپ بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ يىل شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بار سەككىز مەكتەپ ئۆزىنىڭ سەنئەت ۋە تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ تەلىپى بويىچە، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە تۈرىدە ئالاھىدىلىكى بارلاردىن 24 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 7- ئاۋغۇست سائەت نۆلدىن باشلاپ، تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قۇبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن: 1. شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjedu.gov.cn) ياكى شىنجاڭ سىنىپى تور بېكىتى (www.xjban.com)گە تىزىملىتىپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش؛ 2. ئۇچۇر ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش؛ يەنى، كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفون ئابونتلىرى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق «NGBLQ# ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى»نى 10658333كە يوللاپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش؛ 3. ئۈندىدار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش؛ يەنى، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئارقىلىق «شىنجاڭ مائارىپى» (ئۈندىدار نومۇرى : xj_jymh) ئارقىلىق نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش؛ سە بولىدۇ؛ 4. ھەرقايسى جايلار ئوخشاش ۋاقىتتا قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مائارىپ تارماقلىرىدىن سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر