باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2016.08.11 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مائارىپ مۇپەتتىشىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى چىقىرىپ، مائارىپ مۇپەتتىشىنىڭ ئوقۇتۇشنى نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى ئەھۋالى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ياكى ئامما ئىنكاس قىلغان مائارىپتىكى قىزىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى مائارىپ جەھەتتىن مۇپەتتىش قىلغاندا، ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەكتەپلەرگە كىرىپ تەكشۈرسە بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  چارىدە مائارىپ مۇپەتتىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مائارىپ مۇپەتتىشلىرى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مائارىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى مۇپەتتىش قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى مۇپەتتىش قىلىشى؛ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ياكى ئامما ئىنكاس قىلغان مائارىپتىكى قىزىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇپەتتىش قىلىشى؛ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى، مائارىپ، ئوقۇتۇش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش ياكى زىيان سېلىش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەم دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مۇپەتتىش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى؛ ھەر قېتىم مۇپەتتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز دەرىجىلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئورگانلىرىغا مۇپەتتىشلىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، مۇپەتتىشلىك دوكلاتى سۇنۇشى؛ ئۆز دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مائارىپ مۇپەتتىش ئورگانلىرىغا باشقا خىزمەت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر