1935- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، ماۋ زېدوڭ شەنشىنىڭ شىمالىدىكى ۋاياۋباۋدا ئېچىلغان پارتىيەنىڭ پائالىيەتچىلىرى يىغىنىدا «ياپون جاھانگىرلىرىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى (ماتېرىيال سۈرەت).
1934- يىلى، بەشىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش مەغلۇب بولغانلىق سەۋەبىدىن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ياپونىيەنىڭ قوزغاش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ تۇمانلىرى ئاستىدا قالدى. گەرچە خەتەرلىك پەيتتە قالغان، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى مىللىتارستلار بۆلۈنمىچىلىك قىلىۋاتقان، ئىچكى ئۇرۇش توختىمىغان پارچىلىنىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان قىزىل ئارمىيە يەنىلا مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، ياپونغا قارشى تەشۋىقاتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپنى تەشەببۇس قىلدى ۋە قۇرۇپ چىقتى.
ئۇزۇن سەپەر باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە باشلانغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ياپونغا قارشى ئىككى ئارمىيەنى تەشكىللەپ، شىمالدا ياپونغا قارشى تۇرۇشقا ئەۋەتتى؛ 1935- يىلى 10- ئايدا، «ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلارغا خەت»، يەنى «بىرىنچى ئاۋغۇست خىتابنامىسى»نى رەسمىي ئېلان قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، ياپونغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلدى؛ 12- ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسى بېيپىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، داغدۇغىلىق «9- دېكابىر» ھەرىكىتىنى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاياۋباۋ يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىمۇ پارتىيەمىزنىڭ ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ قۇرۇشتەك فاڭجىننى بېكىتتى؛ 1936- يىلى 2- ئايدا، شەرقىي شىمالدىكى ياپونغا قارشى تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى قوراللىقلار شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەسى قىلىپ تەشكىللىنىپ، قار-دالادىكى ئالدىنقى سەپتە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇردى؛ 6- ئايدا، «جۇڭگو خەلق ياپونغا قارشى قىزىل ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» (كېيىن «جۇڭگو خەلق ياپونغا قارشى ھەربىي-سىياسىي ئۇنىۋېرسىتېتى»غا ئۆزگەرتىلدى) قۇرۇلۇپ، ياپونغا قارشى يېڭى كۈچلەر تەربىيەلەندى.
1937- يىلى 8- ئايدا، جاپا مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەرنى غەلبىلىك تاماملىغان جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي كۈچى خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ سەككىزىنچى يۆنىلىش ئارمىيەسى (قىسقارتىپ سەككىزىنچى ئارمىيە دېيىلىدۇ) قىلىپ تەشكىللىنىپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان، ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ ئۆتكەن بۇ خەلق ئارمىيەسى سۇلماس غايە، ئېتىقادى ۋە قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن دۆلەتنى قۇتقۇزۇپ، مىللەتنى ئازاد قىلىدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى