باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلىم ئىشلىرىدىكى چوڭ تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش، باشقۇرۇش چارىسى» چىقىرىلدى

2016.08.11 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلىم-پەن كەسىپ راسخوتىدىكى مۇھىم تۈرلەرنى تۇرغۇزۇش ۋە يولغا قويۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى چىقىرىپ، ئىلىم-پەن كەسىپ راسخوتىدىكى مۇھىم تۈرلەرنى باشقۇرۇشنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇپ، مەبلەغنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چارىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىلىم-پەن كەسىپ راسخوتىدىكى مۇھىم تۈرلەردە، پۈتۈن جەرياننى باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. مۇھىم تۈرلەردە خامچوت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھەر يىلى 9-ئايغىچە، كېيىنكى يىللىق كۆرسەتكۈچ تۈزۈپ چىقىلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ، 12-ئايغىچە، مەلۇم قىلىنىدۇ ۋە تۈر تۇرغۇزۇلىدۇ. تۈرنى ئىجرا قىلىش مۆھلىتى ئادەتتە ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ياخشىلىرىنى تاللاپ تەكرار قوللىسا بولىدۇ. چارىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار «نىشانغا باغلىنىشچان، سىياسەتكە ئۇيغۇن، ئىقتىسادقا مۇۋاپىق» بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، تۈرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن خامچوت تۈزۈشى كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا مەھكىمىسى يىل بويىچە تۈرنىڭ راسخوت مەبلىغىنى ئاجرىتىپ بېرىدۇ، تۈرنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار تەستىقلىغان خامچوت بويىچە راسخوتنى ئېلىپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس جايغا ئىشلىتىدۇ. چارىدە يەنە تۈرنىڭ تېما ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈشمۇ ئىسلاھ قىلىندى، يەنى 13 تىن ئاز بولمىغان ئالاقىدار مۇتەخەسسىستىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز دېگەندە بىر مالىيە مۇتەخەسسىسى بولىدۇ. ئىلىم ئىستىلى قاتتىق ناچار، دۆلەتنىڭ مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ھەم قانۇنغا چېقىلغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغان تۈر گۇرۇپپىسىغا ئەھۋالغا قاراپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ياكى تۈرنى توختىتىش قاتارلىق جازالار بېرىلىدۇ. 21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيوڭ بىڭچى مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ پەن تەتقىقات راسخوتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشى-خامچوت باشقۇرۇشنى نەتىجە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا تەڭشەيدۇ، بۇ-خەلقئارا قائىدىگە ئۇيغۇن. بۇ ھوقۇقنى مەكتەپلەرگە بۆلۈپ بەرگەندە، مەكتەپلەر بۇرۇنقى بىر قەدەر تەپسىلىي بولغان خامچوت ئارقىلىق، پۇرسەتنى تەقسىملەپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن زادى بۇ پۇرسەتنى قايسى جايدا ئىشلىتىشنى يەنىلا ئاشكارىلاش، جەمئىيەتنىڭ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر