باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشىشىدە چوڭقۇر مەنا بار

2016.08.08 15:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەنىڭ يېقىنقى بىر قاتار ھەرىكىتى دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. دىپلوماتىيە جەھەتتە، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى كۈچەيتتى، ھەتتا ئاشكارە كەچۈرۈم سورىدى؛ ئىچكى ئىشلار جەھەتتە، ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئەدلىيە ۋە مائارىپ قاتارلىق تارماقلارنى تەرتىپكە سېلىپ، زۇڭتۇڭنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتتى.

  سىياسىي ئۆزگىرىش تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيەنىڭ بۇ خىل ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈركىيەنىڭ رايون چوڭ دۆلىتى بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تەڭشەشنى يولغا قويماقچى بولغان.

  دىپلوماتىيە جەھەتتە كەڭ دائىرىدە دوست تارتماقتا

  بۇ يىل 5 – ماي تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلۇ تۇيۇقسىز ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. داۋۇت ئوغلۇ زۇڭتۇڭ ئەردوغان ئۆزى شەخسەن تاللىغان زۇڭلى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسى كېلىشىمى ئىمزالاشتىكى ‹‹تۆھپىكار›› ئىدى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئىستىپا بېرىشىدە چوڭقۇر مەنا بار بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىياسەت ئۆزگۈرۈشىدىن ئىلگىرىكى مۇھىم خادىم تەڭشەش، دەپ قارالدى.

  ئەردوغان 27 – ئىيۇن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا خەت يېزىپ، ئۆتكەن يىلى نويابىردا تۈركىيە ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيە سوقۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىك ۋەقەسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز ياخشىلاندى. 26 – ئىيۇل رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مۇھەممەد سىمسېك زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ ئاۋغۇستتا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بىر جەھەتتىن، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى سەۋەپ بولغان. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ ھەم تۈركىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى تەڭشەپ، تاشقى جەھەتتە كەڭ دوستلىشىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ قالدى. تۈركىيە ۋە ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرى 26 – ئىيۇن ئىتالىيە پايتەختى رىمدا كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالتە يىل ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى، شۇنداقلا مىسىر، سۇرىيە قاتارلىق باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا مەسىلە كۆرۈلمەسلىك دىپلوماتىيە پىرىنسىپىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى فاتى ھۈسەيىن : تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئايرىلىپ قالغان رايوندىكى دوستلىرىنى تىرىشىپ يېنىغا تارتماقچى، دېدى.

  ئىچكى ئىشلار جەھەتتە ئۆز خاسلىقىغا قايتماقچى

  تۈركىيەنىڭ يۇقارقى دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنى قوللىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. كۆپ يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيەنى ئىزچىل ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ‹‹دېموكراتىيە ئۈلگىسى›› دەپ تەرىپلەپ كەلگەن، تۈركىيەنىڭ ‹‹غەربلەشكەن›› دېموكراتىيە تۈزۈمى قوللانغانلىقى، شۇنداقلا سىياسىي بىلەن دىننى ئايرىپ دىندىن خالىيلاشتۇرغانلىقىنى باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ تەشۋىق قىلدى. تۈركىيەمۇ غەرب دۆلەتلىرى سېپىغا سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى.

  لېكىن، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مالىمانچىلىق تۈركىيەنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. غەرب دۆلەتلىرى باشچىلىقىدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا تىنچ ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كەلمىدى، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى كۆپلەپ يۈز بەردى. كۇرد قوراللىق كۈچلىرى شەرقىي جەنۇب چېگرا رايونىدىكى ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. بۇنىڭدىن سىرت، نەچچە مىليون سۇرىيەلىك مۇساپىر تۈركىيەدە تۇرۇپ قېلىپ ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە غايەت زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى شەكىللەندۈردى. تۈركىيە بۇ مەيدان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ مەنپەئىتىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدى.

  ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىش دەل تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ ياخشىلاۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە يۈز بەردى. تۈركىيەنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئۆزگۈرۈشنى پەردە ئارقىسىدا قوللىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا بۇنى ئىنكار قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدىكى بىر قىستۇرما، بۇ قىستۇرما، بۇنداق ئۆزگىرىش جەريانىنى تېزلەتتى.

  غەرب تاراتقۇلىرىدا زۇڭتۇڭ ئەردوغان كۆپىنچە ‹‹دىنىي خاھىشى روشەن، شەخسىي غەرىزى كۈچلۈك ›› سىياسىي ئەرباب، پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تۈركىيەنى ‹‹غەربچە دېموكراتىيە دۆلىتى››دىن ‹‹ئوتتۇرا شەرق تىپىدىكى ھاكىممۇتلەق دۆلەت››كە ئايلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ، دەپ تەسۋىرلەنگەن. لېكىن غەرب تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ ئەسلىدىنلا غەرب دۆلىتى ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىققا سەل قارىغان. ئەردوغان تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى بولۇشتىكى خاسلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رايون ئىشلىرىدا رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرماقچى.

  تۈركىيەنىڭ يانداش رول ئالغۇسى يوق

  غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يامراپ كېلىۋاتقان سۇرىيەلىك مۇساپىرلار دولقۇنىغا ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تاپمىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىققا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى تۈركىيەنىڭ نارازى بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ بولۇپ قالدى. ئەردوغان يېقىندا 2011 – يىلى سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرلارغا 12مىليارد دوللارغا يېقىن پۇل ئاجراتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەزگىلدە پەقەت تەخمىنەن 2 مىليارد دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەمەلىيەتتە، تۈركىيە خېلى ئىلگىرىلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنداق ئېغىر مۇساپىرلار مەسىلىسى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتە يامرىغان تېررورىزم مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، تۈركىيەنىڭ مەنپەئىتى بىلەن كارى بولماي، تۈركىيەنى داۋاملىق رايون ئىشلىرىدا يانداش رولچىغا ئايلاندۇرۇپ قويسا، تۈركىيە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن داۋاملىق بەدەل تۆلەپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. تۈركىيە ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇشىنى خالىمايدۇ.

  يەنە بىر جەھەتتە، ئوتتۇرا شەرق رايونى ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلغان ئىراق ئۇرۇشى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھەر خىل كۈچلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، تېررورلۇق كۈچلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېھران، باغداد، دەمەشق ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاتالمىش ‹‹شىئە مەزھىپى ھىلال ئاي بەلبېغى››كۈنسايىن زورىيىپ، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.

  ئەگەر تۈركىيە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، ئاتالمىش ‹‹غەربچە دېموكراتىيە ئۈلگىسى››تونىنى يېشىپ، رايون ئىشلىرىدا ھەقىقىي رول ئويناشقا ئىرادە قىلسا، ئوتتۇرا شەرقتىكى سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ھوقۇق تۇتقان دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشەلىشى، شۇنداقلا رايون ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر