باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جوڭگو فىرانسىيە ھەمكارلىشىپ، ئىقتىساد كەسپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدۇ

فرانسىيە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2016.08.03 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە-جۇڭگو ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىيات جەمئىيتى، پايتەخت ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمەلىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى ھەمكارلىشىپ، ئوقۇتۇشقا ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ھەمدە فىرانسىيە تولۇس 1- ئۇنىۋېرسىتېتى، فىرانسىيە سان ئېتىننا ئۇنىۋېرسىتېتى، فىرانسىيە تورس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1- ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمەلىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن پايتەخت ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فىرانسىيە تولۇس 1- ئۇنىۋېرسىتېتى، فىرانسىيە سان ئېتىننا ئۇنىۋېرسىتېتى، فىرانسىيە تورس ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيەنىڭ بۇ ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى «1+3 تولۇق كۇرسقا تىك ئۆرلەش ئەندىزىسى»، «0.5+0.5+3 ئەندىزىسى»، «3 + 1 + 1 ئەندىزىسى» قاتارلىق ئۈچ خىل تولۇق كۇرس مائارىپى ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇلار ئىچىدە، «1 + 3 تولۇق كۇرسقا تىك ئۆرلەش ئەندىزىسى»دە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار پايتەخت ئىقتىساد - سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇغاندىن كىيىن، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئوقۇش يىلىدا فىرانسىيەنىڭ تۇلۇس بىرىنچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىكەن. «0.5+0.5+3 ئەندىزىسى»دە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار پايتەخت ئىقتىساد - سودا ئۇنىۋېرسىتېتى يېرىم يىل تەييارلىقتا ئوقۇغاندىن كىيىن، يەنە فرانسىيە تورس ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېرىم يىللىق تەييارلىقتا ئوقۇپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، تورس ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ تولۇق كۇرسىتا ئۈچ يىل ئوقۇيدىكەن. «3 + 1 + 1 ئەندىزىسى»دە، دۆلەت ئىچىدە بىر يىل تىل ئۆگىنىپ، چەتئەلدە بىر يىللىق كەسپىي تەييارلىق ئۆگىنىشىنى تاماملىغاندىن كىيىن، فىرانسىيە سان ئېتىننا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرسىتا ئۈچ يىل ئوقۇيدىكەن.

  ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەت ئەلنىڭ باكلاۋۇرلۇق ياكى ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە پايتەخت ئىقتىساد - سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشەلەيدىكەن، فىرانسىيەنىڭ بۇ ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دىپلومىنى جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىكەن، بۇ ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسىنى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تورىدا تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 3- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۈمۈش ئاستانە مېھمانخانىسىنىڭ 3- قەۋىتىدىكى كوئىنلۇن زالىدا فىرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇشتىن مەسلىھەت سوراش يىغىنى ئېچىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر