خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- ئاۋغۇست، قوراللىق ساقچى ئالاھىدە قىسىم ئەزالىرى ئاقسۇ قارا تاغ رايونىدا «تېررورچىلار»نى قورشاپ يوقىتىش پىلانىنى تەتقىق قىلماقتا.
11- ئاۋغۇستتىن 15- ئاۋغۇستقىچە، قوراللىق ساقچى قىسىم «قوغدىغۇچى-16 . قۇرۇم» ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ئۇرۇش مانىۋېرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە ئۆتكۈزۈلدى. ئۈچمىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر-جەڭچىلىرى ئۈچمىڭ كۋادرات كېلومېتىر ھالقىپ، ئېگىز سوغۇق تاغلار، قۇملۇقلاردا ئاختۇرۇپ تۇتۇش قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەردىكى سىناق خاراكتېرلىك ئەمەلىي ئۇرۇش مانىۋېرىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىملىق مانىۋېر قوماندانلىق ئورنىدىكى مەشق ۋە ئەمەلىي مانىۋېر، پىلانلىق باشقۇرۇش ۋە تاسادىپىي باشقۇرۇش، يالغۇز تەرەپلىك مانىۋېر ۋە قىزىل-كۆك ئىككى تەرەپلىك تىركىشىش، لازىر نۇرلۇق تەقلىد قىلىش ۋە ھەقىقىي ئوقلۇق تەكشۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە تەشكىللىنىپ قانات يايدۇرۇلدى، ھەرخىل تېررورلۇققا قارشى قورال-ياراغلارنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش مۇھىتىدىكى ئۇرۇش ئىقتىدارى سىنىلىپ، قىسىملارنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى