خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر 2-F بەلگىلىك» توشۇغۇچى راكېتا 16-ئاۋغۇست سائەت 1:40لەرە، «مۇزى» نومۇرلۇق دۇنيا بويىچە تۇنجى كىۋانت ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى (قىسقارتىلىپ «كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى» دېيىلىدۇ)نى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. بۇ قېتىملىق قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بىلەن، ئىنسانلار سۈنئىي ھەمراھنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان كىۋانت ئالاقىسىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ بوشلۇق ئىلمىي تەتقىقاتىدا يەنە بىر مۇھىم قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كىۋانت سۈنئىي ھەمراھى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بوشلۇق ئىلمى مەخسۇس تۈرى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىلمىي نىشانى سۈنئىي ھەمراھ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچىنى تارقىتىش تەجرىبىسى ئىشلەش ۋە بۇ ئاساستا كەڭ دائىرىلىك كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچى تور تەجرىبىسى ئىشلەپ، بوشلۇق كىۋانت ئالاقىسىدىن ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش؛ بوشلۇقتا كىۋانت چىگىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە كىۋانتنى يوشۇرۇن تارقىتىشتىن تەجرىبىسى ئىشلەپ، كىۋانت مېخانىكىسىنىڭ بوشلۇقتىكى مۇكەممەللىكىنى تەكشۈرۈشنى تەجرىبە قىلىپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى