باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەندە ئىناۋەت جازاسى بويىچە «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق بەلگىلىمە» چىقىرىلدى

2016.08.16 11:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 6- ئايدا، سىچۈەن ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 ئۆلكىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆلكە قىلىپ بېكىتتى.

  بايقىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بار بولغان «بىشەملەر»نىڭ ئايروپىلان، تېز پويىز، پويىزنىڭ يۇمشاق كارىۋىتى، پاراخوتنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورنىدا ئولتۇرۇشىنى چەكلەش، قىسمەن يۇقىرى ئىستېمالىنى چەكلەش؛ قىسمەن پۇل-مۇئامىلە پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش، سەمىمىيەتسىزلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن سىرت، يەنە بەش تەرەپتىكى جازالاش چارىلىرى كۆپەيتىلدى.

  بۇ چارىلەر چېگرادىن چىقىشىنى چەكلەش؛ مۇناسىۋەتلىك شەرەپلەرگە ئېرىشىشىنى چەكلەش، ئېرىشكەن شەرەپ ناملىرىنى ئېلىۋېتىشكە بولۇش؛ خېرىدار چاقىرىش، تۈر تەستىقلاش، مەمۇرىيلار ياكى كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىمى بولۇش تەرەپلەردە قانۇن بويىچە چەكلەش، كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مۇدىرىيەت ئەزاسى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرۇش خادىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىشىنى چەكلەش؛ ئۇنۋان باھالاش، ئىلغارلارنى باھالاش، ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بانكا ئامانىتى، ماشىنا، سودا-سانائەت، تويلىشىش، باج، ئۆي، زېمىن قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توردا تەكشۈرۈش-كونترول قىلىش پۈتۈن قاپلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر