باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى يولغا قويۇش تېزىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتوغرىسىدىكى پىكىرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

2016.08.16 14:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى يولغا قويۇش تېزىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى تەخىرسىز، تېزدىن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش قانۇن ئىدارە قىلدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، بۇ ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى ھەم سوتسىيالىستىك ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش؛ قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۈرى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەممىسىنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىش؛ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغداش؛ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ھەر بىر مەمۇرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزدىن قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇش، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، راۋاجلانغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر، دائىم ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ جەۋھىرىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ھەقىقىي تۈردە مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى قىياپەت يارىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىجادىيەت يۆنىلىشى ۋە مەقسەت قىلىپ، «تۆت ئىشنى تەڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ شەكىللەندۈرگەن بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى قوغداپ، مول مىللىي، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت توپرىقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى زور كۈچ بىلەن قېزىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تەسىر كۈچكە ئىگە، پۈتۈن مەملىكەتتە نامى بار ۋەكىل خاراكتېرلىك نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش كېرەك. شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، مەركەزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى كونكرېت تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزە قۇرۇلۇشى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت سىستېمىسىنىڭ خادىم ئىشلىتىش، تەقسىملەش، رىغبەتلەندۈرۈش، باشقۇرۇش، رىقابەتلىشىش مىخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت سەردارلىرى ۋە يۇقىرى ساپالىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر