باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى زور كۆلەمدە كۆپەيتتى

جاڭ چۈنشيەن ئۇزىتىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.08.16 14:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلىدىكى 27 تۈرلۈك زور تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىلگىرىكىدەك مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتىش ئاساسىدا، بۇ يىلدىن باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى زور كۆلەمدە كۆپەيتىپ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلغان مەكتەپلەر ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايون 15 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇزىتىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئۇزاتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلىگە بايراق بەردى.

  شىنجاڭ 2000 - يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغاندىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان ئالاقىدار مەكتەپلەرگە مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتتى، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئەۋەتكەن ئوقۇتقۇچى 2700(قېتىم)دىن ئاشتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، تاللاپ ئەۋەتىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئۆسۈپ يېتىلىشى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇيدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى بىلەن تەربىيەلەش، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېڭى تەلەپلەر قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش، پائال ماسلاشتۇرۇش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ئاساسىدا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى زور كۆلەمدە كۆپەيتىشنى قارار قىلدى. ئۇزىتىش يىغىنى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مائارىپ تارماقلىرىغا چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زور كۆلەمدە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلغان زور تەدبىر، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشتىكى زور تەدبىرى، يەنە بىر خىل شەكىلدىكى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش شۇنداقلا ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش، شىنجاڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، «ئاتا - ئانىسى» ۋە «باققۇچىسى» بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئالاھىدە ئەلچى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ. يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، بۇرچى شەرەپلىك، شىنجاڭغا خاس بولغان مەسئۇلىيىتى بولۇشى ۋە ئۇنى زىممىسىگە ئېلىشى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن تونۇشى ۋە ئېڭى بولۇشى، ئۆزىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزىگە يۈكلەنگەن تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى جاسارەت بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى ئەۋەتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاساسلىق ۋەزىپە «بىر ئاساس»نى چۆرىدەپ، «ئۈچ مۇھىم نۇقتا»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئۈچ رول»نى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.

  «بىر ئاساس» −− ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە - ئېتىقاد ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئۇلارغا كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۈچ مۇھىم نۇقتا» −− ئىدىيەنى چىڭ تۇتۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىدىيە خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسقاتىدىغان بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى بىخ، خاھىش، يوشۇرۇن ھالەتتىكى مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ ۋە ئۇنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشنى گەۋدىلىك ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىش كېرەك.

  «ئۈچ رول» −− «سىياسىي يېتەكچى، مۇلازىمەت قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقاتچىسى»لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش.

   ياخشى سىياسىي يېتەكچى بولۇش كېرەك. «بەشنى تونۇش» تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى قوللىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇشقا تەربىيەلەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى تەربىيەلەش، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تۇرۇش، بىللە ئوقۇش، بىللە ئىشلەش، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلغار، ئوچۇق، كەڭ قورساق، مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان، مەدەنىي، ئىلمىي زامانىۋى ئىدىيە تۇرغۇزۇشقا ۋە ئىچكىرىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەشەببۇسكار دوستلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ياخشى مۇلازىمەتچى ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك. «تەلەپچان بولۇش، مېھىر - مۇھەببەتلىك بولۇش، ئۆتكەلنى پۇختا ئىگىلەش»، ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە تەدبىرگە دىققەت قىلىش، ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. تۈرلۈك سورۇن ۋە پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىشلەش ۋە ئىگىلىك تىكلەش روھىي ھالىتىنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ساداسىنى ياخشى ياڭرىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاممىغا ھەقىقىي شىنجاڭ، ئۆزگىرىۋاتقان شىنجاڭ ۋە ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭنى ياخشى بىلدۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كاپالەت ۋە تەمىناتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش پونكىتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۆپچىلىكتىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىيدىن ئىبارەت بۇ تارىنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى كۈچەيتىپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەپ، دادىل ئىزدىنىپ، مۇلازىمەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىشىنى؛ بۇ قىممەتلىك ھايات سەرگۈزەشتىسىنى قەدىرلەپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش خىزمىتىنى ئۆزىنى يۈكسەلدۈرىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغار ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى؛ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۇ جايدىكى مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىستېداتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نى - نى ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول مەزمۇنى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئۈچ رول»نى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇلازىمەت، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش پونكىتى باشلىقلىرىنىڭ ۋەكىلى دىلشات ئابدۇراخمان، ئالىي مەكتەپلەردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇكېرىم ھەسەن، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بۇ رۇيليەن كەينى - كەينىدىن سۆز قىلدى. قىلىنغان ھەر بىر جۈملە سەمىمىي سۆز ۋە بىلدۈرۈلگەن قەتئىي ئىپادە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىزمەت ھەققىدىكى چوڭقۇر تەسىراتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭ روھى ۋە «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇرچىمىزنى جەزمەن ئادا قىلىپ، خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  جاڭ چۈنشيەن قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا بايراق بەردى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن تاللانغان 1900 ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. پىلان بويىچە، 2020 - يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 7200 ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىدۇ.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ جىۋېن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر