باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 45–قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

يىغىندا سىياسىي كېڭەش 11 –نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 15–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 9–ئاينىڭ 1–كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

2016.08.16 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 15 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن 45 – قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 15 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 9 – ئاينىڭ 1 –، 2 – كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 15 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 15 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ دائىرىسى قاتارلىق ئىشلار ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاساسلىقى ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش››تىن ئىبارەت باش تېما چۆرىدىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا ۋاقتىدا يېتىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتى، شۇنداقلا نامرات ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 15 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش››تىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق كېڭىشىش خىزمىتى پىلانىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىكى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا ھەمدەمدە بولۇشنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا پەرق ئېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا چوڭ يىغىندا سۆز قىلىشقا ياخشى تەشكىللەش كېرەك. يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، راستچىل، كارغا كېلىدىغان تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىپ، كۆرسەتكەن چارە – تەدبىرلەرنىڭ چوڭقۇر، مەنتىقىلىق، سەۋىيەلىك بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، قادىرقان مىراسقان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر