- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز ۋىلايەت، ناھىيەلىرىنىڭ يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدۇ
2015.09.07 13:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا تولۇق تاماملىنىدۇ.
2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون رايون دەرىجىلىك يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئاساسىدا، ۋىلايەتلىك ، ناھىيەلىك يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، « ۋىلايەت (ئوبلاسىت، شەھەر) ناھىيە (شەھەر رايونى) يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش ئورنىنىڭ فونكسىيەسى ۋە ئاپپاراتلىرى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تەرتىپكە سېلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە پىرىيوم قىلىش-ئۆلچەش ئاپپاراتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق توققۇز ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قايتىدىن تەسىس قىلىنغان ھەمدە ئىش باشلىغان. بايىنغولىن، ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق 13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىكى يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى«يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكىنى قوشۇپ ئېسىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان.(مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر