باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئونسۇ ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2015.09.07 11:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەخمەتجان ئىدىرىس خەۋەر قىلىدۇ:27-ئاۋغۇست ،ئاپتونوم رايۇنلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لەي جىڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كىلىپ، ئالاھىدە باغ-ئورمانچىلىق تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ ئەزاسى لى گېڭ شېڭ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بورھان مەمەت ۋە ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىرگە بولدى.

  لەي جىڭ گاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تەۋەسىدىكى خېڭتوڭ مىۋە شەربىتى چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى، گومەنتاڭ مىۋىچىلىگى ۋە ناھىيە دەرجىلىك رھبىرى كادىرلارنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايۇنىغا چوڭقۇر چۈكۈپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا لەي جىڭ گاڭ يەنە دوكىلات ئاڭلاش ۋە نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قۇرۇق، ھۆل مىۋىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، پىشىقلاپ ئىشلەش، سېتىش قاتارلىق ئىنىچكە ھالقىلارنى تەپسىلى ئىگەللىدى.

  نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق لەي جىڭ گاڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ باغ-ئورمانچىلىق خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە باغ ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا قارىتا يەنىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى .ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تارماقلىرنىڭ مەسئۇللىرى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ ،تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم قۇيۇپ ،باغ-ئورمانچىلىقنى تېخنىكىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ،تۈرلۈك چارە تەدبىرلەر بىلەن ئونسۇنىڭ ئالاھىدە باغ-ئورمانچىلىقىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر