- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنغانلار 27-ئىيۇل سائەت 18دىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرەلەيدۇ
2015.07.27 16:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:26-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1- تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى تاماملانغان. 27-ئىيۇل سائەت 18 دە ( بېيجىڭ ۋاقتى ) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1 -تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار تور بېكىتى ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ھالىتىنى تەكشۈرەلەيدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1- تۈركۈمدىكى 19 مەكتەپ جەمئىي 11مىڭ 331 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر تۇتاش باستۇرغان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى 19 مەكتەپكە يوللىغان. ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ 30-ئىيولدىن بۇرۇن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىغا تارقىتىشنى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش، ھەربىي مەشىق قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلغان. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار «2015 – يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قوللانمىسى»دىكى ھەرقايسى مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ تېلفون نومۇرى ئارقىلىق مەكتەپ بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا 2 - تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 27-ئىيۇلدىن باشلىنىپ، بەش كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر