باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى

2015.07.27 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ كونا سانائەت بازىىسى بولغان شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، ئوڭۇشسىز شارائىتتا قانداق قىلغاندا «مۇقىم ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي شىمالدىن ئىبارەت بۇ قارا تۇپراقتا ھۆكۈمەتتىن تارتىپ كارخانىلارغىچە، ئۆزگىرىش ئىچىدە ئىسلاھات، تەرەققىياتقا قاراپ يېڭى بىر قەدەم تاشلىماقتا.

  بۇ ئايدا، ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن چاقماق پويىز چاڭچۈن يولۇچىلار پويىزى شىركىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ چاقماق پويىزىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەددىمىنى ئاچتى.

  ئىلگىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، مىترونىڭ ئەڭ يادرولۇق تېخنىكىسىنىڭ ھەممىسىنى چەت ئەل كارخانىلىرى مونوپول قىلىۋالغانىدى. باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، چاڭچۈن يولۇچىلار پويىزى شىركىتى نۆل ئاساستىن باشلاپ، يەتتە يىل قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يۆنىلىش ئۆزگەرتىش رامكىسى، تور كونترول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك يادرولۇق تېخنىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، «جۇڭگو ياسمىچىلىقى»دىن، «جۇڭگو ئىجادچانلىقى»غا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، چاڭچۈن يولۇچىلار پويىزى شىركىتى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ رېلىسلىق قاتناش ۋاستىلىرى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئېكسپورت قىلىش بازىسىغا ئايلاندى، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە، سېتىش كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 30 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى، شەرقىي شىمالدىكى كارخانىلار تىرىشماقتا، ھۆكۈمەتمۇ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. مەملىكەت بويىچە جابدۇق ياسمىچىلىقى بازىسى بولغان لياۋنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان ۋەزىيەت ئالدىدا، ھۆكۈمەت تۈرلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا يىتەكچىلىك قىلىش، بازارلاشتۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

  شېنياڭ چۇتىيەن-بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سانائەت لايىھىلەش شىركىتى، ئىزچىل تۈردە پەردە تام تازىلاش ماشىنا ئادىمى ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھازىرقى زامان پەردە تام تېخنىكا پارامېتىرى ۋە ماشىنا ئادەم كۆچمە كونترول قىلىش تېخنىكىسى كەمچىل ئىدى. ئەمما، شېنياڭ يۈەندا گۇرۇھى، شىنسۇڭ ماشىنا ئادىمى دەل بۇ ئىككى ساھەدىكى باشلامچىلار ھېسابلىناتتى. بىر ئاينىڭ ئالدىدا شېنياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈچ نوقتىلىق كارخانا بىرلىشىپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئەينەك، تامدا ئەركىن ماڭىدىغان «پەردە تام يۇيۇش ماشىنا ئادىمى»نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇ ئۈچ كارخانا يەنىمۇ ھەمكارلىشىپ، بازار ئاچىدۇ.

  ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شەرقىي شىمال بارغانسېرى كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇردى. خېيلۇڭجياڭدا 80 نەچچە ئالىي مەكتەپ ۋە 700دىن ئارتۇق پەن تەتقىقات ئاپپاراتى بار، 2014-يىلى 22 تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە يەتتىنچى ئورۇندا تۇردى.

  پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن،كۆپ يىللاردىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭ ئارقا-ئارقىدىن يېڭى سىياسەت چىقىرىپ، پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشىغا، پەن-تېخنىكا كەشپىياتى پاتېنتىنى پاي قىلىپ قوشۇپ پايدا سۈپىتىدە تەقسىم قىلىشىغا يول قويدى. ھازىر خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى كەسىپلەشتۈرۈش ئىستىقبالىغا ئىگە يېڭى تېخنىكا نەتىجىسىدىن 1000 تۈرنى تاللاپ، بۇ يىل ئىچىدە 260 پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر