باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۆز دۆلىتىدە ئىشلىتىدىغان كرېدىتىنى باھالاش ئورگىنى تەسىس قىلدى

2015.07.27 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە مەركىزى بانكىسى 24-ئىيۇل خەۋەر ئېلان قىلىپ: رۇسىيەنىڭ دۆلەت كرېدىتنى باھالاش ئورگىنىنى تەشكىللەش خىزمىتى تۆتىنچى پەسىلدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشىدۇ دېدى.

  رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت بانكىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن لېدىرى تىرافىمۇۋا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن رۇسىيە دۆلەتلىك كرېدىت باھالاش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بولىدىكەن.

  ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، غەربنىڭ تۆت كىرېدىت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى رۇسىيە ۋە رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ كرېدىت دەرىجىسىنى كۆپ قېتىم تۆۋەنلىتىپ، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ رۇسىيەدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دەپ قارىدى: غەرب ئەللىرىنىڭ كرېدىت باھالاش ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ كرېدىت باھالاش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىدە ئوبيېكتىپ ئاساسى يوق، بۇ بىر خىل ھايانكەشلىك قىلىش ۋە تەھدىت سالغانلىق، رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت كرېدىت باھالاش دەرىجىسى ئورگىنىنى تەسىس قىلىشىنىڭ زۆرۈرۈيىتى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر