باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى قولايلىقلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.07.28 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋان ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستېرى دېرباس تۈنۈگۈن بېيرۇتتا مۇنداق دېدى: لىۋان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشى ياكى ئۈچىنچى دۆلەتكە بېرىشىنى قولايلىقلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

  دېرباس شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى روس مونتايىن بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى تەرەپ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار كىرزىسىنىڭ لىۋانغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى شۇنداقلا لىۋاننىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار كىرزىسىنىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرىلەشتى.

  دېرباس مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە لىۋاندىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار تەخمىنەن بىر مىليۇن 200مىڭ بولۇپ، لىۋان بۇلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كىرزىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مونتايىن خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ لىۋان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى مۇراجەت قىلدى. ئۇ لىۋاننىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار كىرزىسى يۈكىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىشىغا قۇربى يەتمەيدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر