خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئىيۇل، قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، قاناس كۆلى سۇ چىقىش ئېغىزىدىن تەخمىنەن 18 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبتا قەدىمكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دېڭىز ئاستى خارابىسى بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى13 كىشىلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرۇپ، باۋلې بادەي تېغىدا« قاناس مۇزلۇق ئېكسپېدىتسىيەسى» ئاساسىي تېما قىلىنغان قاراتمىلىق تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئىدى. ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون باۋلې بادەي چوققىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن ئاتلىق كىرىپ، دەسلەپكى قويۇق ئورمان، ئېگىز تاغ، ئوتلاق، مۇزلۇق جىلغا قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ ، ئاخىرى ئاققابا كەنتىگە يېتىپ كەلگەن. يول بويى باۋلې بادەي چوققىسىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇزلۇق يەر شەكلى، قاناس يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، قاناس كۆلى سۇ چىقىش ئېغىزىغا تەخمىنەن 18 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتىكى غەربىي جەنۇب تەرەپتە قەدىمكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دېڭىز ئاستى خارابىلىكى بايقالدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى