باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەھەر(ناھىيە، رايون)لەرگە نام بەردى ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى ئورۇن، شەخسلەرنى تەقدىرلىدى

2015.07.29 13:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايون 28 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەھەر(ناھىيە، رايون)لەرگە نام بەردى، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى، ئۆتكەن تۆت يىللىق ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلىدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلىسى، ھەربىيلەر ئائىلىسى، ئىنقىلاب يولىدا مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن، ھەربىي سەپتىن قايتقانلار، ھەربىي سەپتىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلار، زاپاس خەلق ئەسكەرلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. نام بېرىلگەن ۋە تەقدىرلەنگەن ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەھەر(ناھىيە، رايون)لەر، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى . دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلققە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر نام بېرىلگەن ۋە تەقدىرلەنگەن ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەھەر(ناھىيە، رايون)لەر، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. بۇ قېتىم 14 شەھەر، 33 ناھىيە، توققۇز رايونغا ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەھەر(ناھىيە، رايون) دەپ نام بېرىلدى، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 120 ئورۇن ۋە 120 شەخس تەقدىرلەندى. ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرى ئېيتتى، جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تەقدىرنامە تارقاتتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىي - خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش»تەك يېڭىچە ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى. ئارمىيە بىلەن يەرلىك سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ تەڭ ھەرىكەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى؛ ئامما قىزغىن قاتنىشىپ، ئاكتىپ قوللىدى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى؛ تەشۋىقات، تەربىيە پۇختا، چوڭقۇر بولدى، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى كۆز قارىشى ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئاشتى؛ ھۆكۈمەت قىسىم قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش نەتىجىسى روشەن بولدى؛ ئارمىيە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپلەرنى يېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر قانداق نەتىجىگە ئىككىنى ھىمايە قىلىش سېپىدىكىلەرنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە يارىتىلغان تۆھپە مۇجەسسەملەنگەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چوقۇم كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ ئېڭىمىز بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي - خەلق ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ پىلانلىشىمىز كېرەك. نېگىزى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، مۇھىم نۇقتىسى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم ھالقىسى پارتىيەنى ۋە ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھىن ۋە كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان «تۆتتە كۈچلۈك» كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش.

  ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى زور مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ھەربىي - ساقچى - خەلق بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمىتى سۇپىسىغا تايىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق رايىنى مايىل قىلىدىغان ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشنى نىشانلاپ، ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارمىيە ۋە يەرلىكنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى بىرلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىمىز قىلىپ، كۈلپەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ، ھازىرقى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ۋە كەسكىن رىقابەتكە بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىمىز، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرىكمە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ كېڭەيتىشىمىز كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تولۇق ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرىكمە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماس، تەڭپۇڭ، بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇسىغا بېقىپ، تېخىمۇ پۇختا ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرىدىغان «قەلب كۆۋرۈكى» بەرپا قىلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ «كاپالەتچىسى» بولۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدىكى «قەلبنى ئىللىتىدىغان ئىشلار»نى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەقدىرلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگونىڭ ھاۋالىسى بىلەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۇڭ پۇگۇاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ يۆجۈن ۋە سىياسىي كومىسسارى ليۇ لېينىڭ ھاۋالىسى بىلەن لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى شى شياۋ يىغىندا سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ئاڭلىق ھالدا سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا ماس قەلب ۋە مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە ماس مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى بىلەن ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيۈش خىزمىتىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ پائال، ئاڭلىق ئاتلىنىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 69216 - قىسىمىدىكى شى ۋېي ئاپتونوم رايون بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەھەر(ناھىيە، رايون)لەر، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى.

  يىغىن تەنتەنىلىك «ئىتتىپاقلىق كۈچ» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە يېپىلدى. خەن يۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، ما مىڭچىڭ، جارۇللا ھېسامىدىن، ليۇ يەنلياڭ، سەلىمجان سەيدۇللا، گو ليەنشەن، مۇتەللىپ ئوبۇل، گو لوتەي، كۇڭ لىڭسەي، كاڭ ۋېيمىن، ساۋ رۈندې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر