باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش ئىسلاھاتىدىكى بۆسۈشتىن تۇغۇلغان ئويلار

2015.07.28 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ھەر بىر كىشىنىڭ بىرلا كىملىكى بولىدۇ، لېكىن كارخانىلارنىڭ ئۈچ «كىملىكى» بار، يەنى تىجارەت كېنىشكىسى، تەشكىلىي ئاپپارات كودى كېنىشكىسى، باج تىزىملىتىش كېنىشكىسى. بۇلارنى ئىلتىماس قىلىش بەكمۇ ئاۋارە ئىش، ھەر تۈرلۈك ھەق تاپشۇرىدىغان گەپ، يەنە كېلىپ بەزى كېنىشكىلەرنى ئالماقمۇ ناھايىتى قېيىن.

  2015-يىلى بۇ ئىشتا تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى. 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇشتەك تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، سودا-سانائەت، سۈپەت تەكشۈرۈش، باج ئىشلىرىغا ئايرىم كېنىشكە تارقىتىشنى سودا-سانائەت ئاپپاراتلىرى بىر قېتىمدىلا تىجارەت كېنىشكىسى تارقىتىشقا ئۆزگەرتىش قارار قىلىندى. مۇشۇ قېتىملىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش داۋامىدا، ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇشقا سالمىقى مىسلىسىز، ئىسلاھاتى تەلتۆكۈس بولدى، بۇنىڭدا ئوڭۇشلۇق بۆسۈش ھاسىل قىلىنىشى باشقا ساھەرلەردىكى ئىسلاھات ئۈچۈن مۇھىم ئۈلگە بولدى، دەپ قارالدى. بۆسۈش ھاسىل قىلىش: «بۇرۇن قاتىراپ كەشىمىز چۈشۈپ قالاتتى، ئەمدى بىر قېتىمدىلا پۈتىدىغان بولدى»

  بېيجىڭ «جيالى شىنخۇڭ» پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى ۋاڭ شۆلىڭ ئىلگىرى كارخانىسىنى رويخەتكە ئايلاندۇرۇشتا دۇچ كەلگەن كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «سۇلياۋ خالتىغا ماتېرىياللارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە نۇسخىلانغان نۇسخىسىنى قېلىن قاچىلاپ، كىملىكنى نۇرغۇن نۇسخىلاپ ئېلىپ يۈرەتتۇق؛ 200 نەچچە ىىل سانلىق مەلۇماتنى تولدۇرۇپ، 15-16 كۈن، 7-8 قېتىم قاتىراپ ئاندىن ئىشنى پۈتكۈزەتتۇق. ھالبۇكى، ھازىر 20 نەچچە خىل ئۇچۇرنى توشقۇزۇپ، بەش خىزمەت كۈنىدىلا كېنىشكىنى قولغا ئالىمىز، يەنە كېلىپ ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىش ئاپپاراتلىرىنى ئىزدەپ يۈرمەيمىز».

  يېقىندا ئۇ بېيجىڭ شەھىرى بويىچە «ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش، بىر كېنىشكە بىر نومۇر بولۇش» روھىغا ئاساسەن تۇنجى تىجارەت كېنىشكىسىنى قولىغا ئېلىپ كۆپنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش ئىلگىرى سودا ئىشلىرى ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ قاتتىق «سۆڭەك» دەپ قارالغانىدى. زۇڭلى لى كېچياڭ بۇ يىل 3-ئايدا دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق قاتتىق تەلەپ قويدى: ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش، بىرلا نومۇر بولۇش ئىسلاھاتىنى مۇشۇ يىل ئىچىدە چوقۇم تاماملاش كېرەك.

  4-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش تىزىملاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويدى. ھازىر جياڭسۇ، خۇ بېي قاتارلىق جايلار بىر كېنىشكە، ئۈچ نومۇر ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، يەنى تىجارەت كېنىشكىسىگە سودا-سانائەت، باج، سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ نومۇرنى كىرگۈزۈش بولۇپ، بېيجىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلار بولسا بىر كېنىشكىدە بىرلا نومۇر بولۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىدى.

  كارخانىلارنى تىزىملاشنىڭ تېز بولىشى سودا ئىشلىرى ئىسلاھاتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىدىن بولدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەڭگۇڭتىڭىنىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جياڭسۇ كۆزنەكنى، جەدىۋەللەرنى، سانلىق مەلۇمات ئۆلچىمىنى، بىجىرىش سۇپىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» نى ئىشقا ئاشۇردى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ياۋ جيا مۇنداق دېدى: ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش بازار سوبېيكىتلىرىنىڭ ئىجازەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، تارماق مەنپەئەتىنى سۇسلاشتۇردى، بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئىسلاھات پايدىسى ھەم بازارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم ھۆكۈمەت ئىسلاھاتىنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئۈچ كېنىشكىنى بىرگە ئايلاندۇرۇش يەنە ئوخشاش بولمىغان بازار سوبيېكىتلىرى ئارىسىدىكى ئۇچۇر بېكىنمىچىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئاشكارا، ئوچۇق ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى ئېلىشى قېيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات پايدىسىدىن سىجىل دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر