باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن ،خېبىي يانفون ئۇزۇن يوللۇق كەزمە مۇلازىمەت ھەققى 8-ئايدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ

2015.07.28 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىساد ساداسى « جاھان ئىقتىسادى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈچ چوڭ تېلگىراف تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر ئىچىدىكى مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي يانفون ئۇزۇن يوللۇق كەزمە مۇلازىمەت ھەققى 1- ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى ھەق تەڭشەش يان تېلېفوننىڭ تاۋۇش كەسپىگە قارىتىلغان بولۇپ، مۇقىم تېلېفوننىڭ ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش كەسپى ۋە پەقەت يەرلىكتىلا ئىشلىتىشكە بولىدىغان سانلىق مەلۇمات كەسپى تەڭشەش پىلانىدا يوق ئىكەن.

  دۆلەتنىڭ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى «2015-يىلى 1-ئاۋغۇستتىندىن باشلاپ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىي يان تېلېفون ئۇزۇن يوللۇق كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش» خىزمەت تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە ،ئۈچ چوڭ تېلگىراف تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر ھەممىسى يۇقىرىغا ئۇزۇن يوللۇق كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھىسىنى رەسمىي يوللىغان بولۇپ، ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى ۋە سانائەت- ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھۆججەت چۈشۈرسىلا رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر