باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىسى ئېلان قىلىندى

2015.07.28 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27-ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى (سۈرەتكە قاراڭ).

  بۇ بەلگە سان «70»، ۋاقىت «1945-2015»، تېنچلىق كەپتىرى، «V» ھەرىپىىنى شەكىللەندۈرگەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ رەسىمىدىن ئىبارەت ئېلېمېنتلاردىن تەركىبلەنگەن بولۇپ، سان «70» بىلەن ۋاقىت «1945-2015» دىن شەكىللەنگەن سىمۋوللۇق بەلگىدىن، سەددىچىن سېپىلىنىڭ رەسىمىدىن غەلىبىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «V» ھەرىپى شەكىللىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پولات سېپىل ھاسىل قىلىپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. سۈرەتنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا تېنچلىق ۋە ئۈمىدكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەش كەپتەر يىراقتىن يېقىنغا قاراپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بولۇپ، تارىخنى خاتىرىلەش، تېنچىلىققا ئىنتىلىشكە، بەش قىتئەدىكى خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قان ۋە ئوتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ يېڭى ھاياتقا ئېرىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. پەرۋاز قىلىۋاتقان تېنچلىق كەپتىرىمۇ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىىبارەت بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر