باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىستاستىكا ئىدارىسىدىن ئويمەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، قەلبىنى ئىللىتتى

2015.07.28 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىستاستىكا ئىدارىسىدىن باي ناھىيە بۇلۇڭ يېزا ئويمەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ كەنتكە كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، باشتىن-ئاخىرى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغا ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىش قىلىپ بىرىپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  ئۆتكەن يىلى ئىمتىھان بىرىپ تارىم ئونۋېرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنغان خەيرىگۈل تۇنياز ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چىكىنىشكە مەجبۇرىي بولغان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭ 3000 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى تولىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئوقۇش پۇلىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بىرىپ، ئۇنى ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر خەيرىگۈل تۇنياز تارىم ئونۋېرسىتىتىدا خوشال-خورام ئوقۇماقتا.

  بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئىككى كومتىت كوللىكتىپى ئەزالىرىغا پىكىر قىلىش يولى، ئۇسۇل، تەجىربە، كىرىم قىلىش يوللىرىنى ئۈگەتتى. كەنت ئىككى كومتىت ئەزالىرى بۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلى، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجاتچانلىقىنى تولۇق قوزغىدى.

  23-ئىيۇل بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە ۋىلايەتلىك ئىستاستىكا ئىدارىسىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار بۇ كەنتكە كېلىپ قىنيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى. 29 نەپەر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ھەر بىرى 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە ئىئانە توپلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلە، مېيىپ ئائىلە ۋە ئىگە-جاقىسىز ياشانغانلارغا ياردەم قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر