باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۇبۇچ ئەندىزىسى يېشىل جۇڭگو ئارزۇسىغا تۈرتكە بولدى

2015.07.28 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كۇبۇچ قۇملۇقى-ئېلىمىزدىكى 7-چوڭ قۇملۇق بولۇپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيدىكى قۇم-بوران مەنبەلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تېرىشىشى ئارقىسىدا، ئالتە مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق قۇملۇق يېشىللىققا پۈركەندى. ئىزدىنىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن كۇبۇچ ئەندىزىسى-ئېكولوگىيە، يېزا ئىگىلىك، خەلق تۇرمۇشىغا تەڭ نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيا قۇم تىزگىنلەش سەھنىسىدىكى جۇڭگونىڭ نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ چۆللىشىپ كېتىشنى تىزگىنلىشىنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىي قىلغان جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۈلگىلىك ۋە كېڭەيتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولدى. كۇبۇچ قۇملۇقىنى تۈزەش جەريانىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك قوللىشى، كارخانىلارنىڭ كەسىپلەشتۈرۈشىنىڭ تۈرتكىسى، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىقنىڭ بازارلىشىپ قاتنىشىشى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئېكولوگىيە، يېزا ئىگىلىك، خەلق تۇرمۇشىغا تەڭ نەپ يەتكۈزۈش ئەندىزىسى كۇبۇچ ئەندىزىسى دەپ ئاتالدى، ئۇنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىن كۆكەرتىشكە ئۆزگىرىش مېخانىزمى دۆلەت ئىچى، سىرتىنىڭ كەڭ ئېتىراپىغا ئېرىشتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بۇ جەھەتتە قوللانغان بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلىرى ھەم كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تېرىشچانلىقىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېشىل جۇڭگو ئارزۇسى بارغانسېرى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئون مىليون گېكتار قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تۈزەپ، قۇملىشىپ كېتىش كۆلىمى ۋە قۇملىشىش دەرىجىسىنى تەڭ ئازايتىپ، ئېكولوگىيە ۋە خەلق تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 25-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرى»دە، 2020-يىلىغىچە، %50 تىن ئارتۇق تۈزىگىلى بولىدىغان قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تۈزەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر