ئابۇلىۋۇ بىرازىلىيە كالا گۆشىنىڭ جۇڭگودا سېتىلىش يۇشۇرون كۈچى زور دېدى
2015.07.28 17:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرازىلىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئابۇلىۋۇ 27 –ئىيۇل مۇنداق دېدى، جۇڭگو بىرازىلىيەدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىش چەكلىمىسىنى رەسمىي بىكار قىلغان ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، 2 مىڭ توننىدىن كۆپرەك يېڭى كالا گۆشى پاراخوت بىلەن جۇڭگوغا توشۇلدى. ئابۇلىۋۇ كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى، جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ 1- چوڭ سودا شېرىكى، بىرازىلىيەنىڭ كالا گۆشى جۇڭگو بازارلىرىدا زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.
نۆۋەتتە كالا گۆشى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان 8 زاۋۇت ئېكسپورت ئىجازىتىگە ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى سېتىش سوممىسى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر