باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىز ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى چارىنى ئېلان قىلدى

2015.07.28 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 27-ئىيۇل «ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپى، تىجارەت دائىرسى، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، تىجارەت قائىدىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇردى، بۇ «چارە» 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.

  ئالاقە تورىنىڭ قولايلىق، تېز بولۇش، رايون ھالقىشتەك ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، «چارە» دە قىسمەن سۇغۇتا تۈرلىرىنى يولغا قويۇش دائىرسى شەرتلىك قويىۋېتىلدى. مەسىلەن: كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، قەرەللىك ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ۋە ئادەتتىكى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى؛ سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچى شەخسىي بولغانلارنىڭ ئائىلە مۈلۈك سۇغۇرتىسى، جاۋاپكارلىق سۇغۇرتىسى، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى ۋە كاپالەت سۇغۇرتىسى؛ ئالاقە تورى ئارقىلىق سېتىش، سۇغۇرتىلاش ۋە تۆلەم بېرىشتا مۇستەقىل، تولۇق مۇلازىمەت قىلالايدىغان مۈلۈك سۇغۇرتىسى كەسپى قاتارلىقلار. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر