- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
زەررىف ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى كېلىشىمىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
2015.07.28 17:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىف تۈنۈگۈن ئىراق پايتەختى باغداتتا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇمىيۈزلۈك كېلىشىمى ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيتىنى ياخشىلايدۇ. مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
زەررىف ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جافارى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئوتتۇرا شەرق رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيتىنى ياخشىلاپ، بۇ رايونغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
بىز ئىراننىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلۋاتقانلىقى سەۋەبلىك قورقۇنۇش پەيدا قىلماسلىقىى ئۈمىد قىلىمىز.
جافارى مۇنداق دېدى: ئىراق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى مەغلۇپ بولسا پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر