- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى رادىئو-تېلىۋىزىيە تورى سېستىمىسىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلدى
2015.07.28 16:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 25-ئىيۇل ، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇدىرى ئەنۋەر سەلەي ، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرمەمەت سايىم ، مۇئاۋىن ھاكىم ئايشەمگۈل ئاتاۋۇللا ۋە قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى رادىئو-تېلىۋىزىيە تورى سېستىمىسىنىڭ «رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش نىزامىنى» ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلدى، ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىئو-تېلىۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشتە بىرگە بولدى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ناھىيەلىك رادىئو-تېلىۋىزىيە مەركىزى ، رادىئو-تېلىۋىزىيە تور شىركىتىگە بېرىپ ،نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ «رادىئو-تېلېۋزىيە باشقۇرۇش نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئېرىشكەن خىزمەت نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە رادىئو – تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ «رادىئو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش نىزامىنى» ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۆگىنىش ، تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىپ ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ ، نەتىجىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان دەپ قارىدى .
تەكشۈرۈش گۇرپپىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رادىئو-تېلېۋىزىيە سېستىمىسى رادىئو-تېلىۋىزىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «رادىئو-تېلېۋزىيە باشقۇرۇش نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ؛ سېلىنمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ، تور ئۇلىنى چىڭىتىپ، قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىسىنى يېڭىلاپ ، رادىئو-تېلېۋىزىيە يوللاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى ؛ ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ ، ئاممىنى رازى قىلىشى؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى چىڭ تۇرۇپ ، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،ناھىيەمىز رادىئو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر