باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئەمەلدارى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ياخشىلىنىۋاتىدۇ دەپ قارىدى

2015.07.28 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئۇلياكېۋ 27–ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئۇلياكېۋ شۇ كۈنى رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشقاندا سۆز قىلىپ: رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئايلىق كۆرسەتكۈچ بويىچە ئۆلچىگەندە، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئەمەلىيەتتە توختىدى دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى، نۆۋەتتە رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئىلگىرى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر قىياس قىلغاندىكىدىن كۆپ ياخشى، بىراق ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى يەنىلا بىر قەدەر زور، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.4 ئازايدى.



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر