باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 452 ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك دېلونى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2015.07.28 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 452 ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك دېلونى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايەت دېلولىرى 369 نى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى دېلولىرى 83نى ئىگىلىگەن، جەمئىي 526 ئادەم دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن. 27 نەپەر ناھىيە- باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار بۇنىڭغا چېتىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 993 ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى قوبۇل قىلغان. 369 خىيانەتچىلىك- پارىخورلۇق جىنايىتى دېلوسىغا دېلو تۇرغۇزۇپ 426كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30%30 ۋە 3% ئۆرلىگەن. 222 چوڭ دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 41% ئۆرلىگەن، چوڭ دېلو دېلو تۇرغۇزۇش نىسبىتىنىڭ 60%نى ئىگىلىگەن.

  ناھىيە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇھىم دېلولاردىن 20 ئادەم ( ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك 3 كىشى) تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىدىن83گە دېلو تۇرغۇزۇپ 100 ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 84.4% ۋە 81.8% ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە پەۋقۇلئاددە زور دېلو ۋە مۇھىم دېلوغا چېتىشلىق 7 كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. دېلو بېجىرىش ئارقىلىق 7مىليون 983مىڭ803يۈەنلىك ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرۋېلىنغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر