باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسى

2015.07.27 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى %7 لىك سۈرئەت بىلەن ئوڭۇشلۇق ئاشتى. تاشقى ئېھتىياج تۆۋەن بولغان، سانائەت ھەرىكىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولغان ئەھۋالدا مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش -ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاساسەن % 20 ئەتراپىدا بولغان، سېلىشتۇرغاندا، ياسىمىچىلىققا مەبلەغ سېلىش يەنىلا ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراپ، ئېشىش سۈرئىتى % 10 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلتۇرقى ٪ 13.5 لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن يەنىمۇ ئاستىلىدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار رايون تەرەققىيات پىلانى ۋە «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ شەھەرلىك مەمۇرىي قوشۇمچە مەركەز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ قوشۇمچە مەركەزگە ئومۇميۈزلۈك ياكى قىسمەن يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىدۇ. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش رەسمىي يولغا قويۇلغان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ تەدبىر نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينىڭ قاتناش ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى تۈركۈمگە بۆلۈپ بىر قاتار يەرلىكنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى كەينى-كەينىدىن تەستىقلىدى، بۇلار تاشيول، تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇم ۋە سۇچىلىق قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. گوۋۇيۈەنمۇ يېقىندا، لەنجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تەستىقلىدى ھەمدە لەنجۇ شەھىرىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك سۇپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، دېدى، شۇنداقلا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لەنجۇ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى، بۇ يەرنىڭ تاشيول، تۆمۈر يول ۋە ئايرودۇرۇم قاتارلىق تاشقى قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايونلارغا ئېچىۋېتىش دائىرىسى كەڭىيىدۇ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلارمۇ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» جەھەتتە مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ۋە مەركىزى بولغان شىنجاڭ بۇ يىل قاتناش-تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھە تۇراقلىق مۈلكىگە سالغان مەبلىغىنى 25 مىليارد يۈەندىن 30 مىليارد يۈەنگىچە يەتكۈزمەكچى ھەمدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى ئايرودۇرۇم سانىنى 22گە كۆپەيتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا بەش سائەتلىك ئاۋىياتسىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، بۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكچى.

  كەسىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر ئېكسپورتنى ياخشىلاش تەس بولىۋاتقان، ئۆي – مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۆرۈنەرلىك بولمايۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇل ئەسلىھەرلەرگە مەبلەغ سېلىشتا ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى سېلىنمىنى ساقلاش ئاساسىدا يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر