باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2015.07.27 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «13-بەش يىللىق» پىلان پارت ئارىدا تۈزۈپ چىقىلىدۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلىرى تەڭكەش، كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى شىشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قۇرۇلۇشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولغاچقا، پۇرسەت ۋە خىرىسقا تولغان بىر مەيدان قاتتىق سىناققا دۇچ كېلىدۇ، پائال ماسلاشتۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ- دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى بولۇپلا قالماستىن، پايتەختنىڭ شەھەر ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  بەزى زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، نوپۇس، بايلىق، مۇھىت بېسىمى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتىدۇ، قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا، «چوڭ شەھەرلەر كېسىلى»نى يىلتىزىدىن داۋالاشنى تېزلىتىش زۆرۈر.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ يەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كەلگۈسىدە بىز ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، بېيجىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ بېيجىڭغا چاپلىشىپ كېڭىيىش شەكلىدە تەرەققىي قىلىشىدىن، ھەممىلا يەرنى ئېچىشىدىن، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ رايون بويىچە كېڭيىشتەك كونا يولدا مېڭىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. كەسىپ زەنجىرى ئەندىزىسى ئارقىلىق مەركەزلىك ھەل قىلىپ، كۆلەملەشتۈرۈش ئۈنۈمى ۋە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈنۈمنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى تىجارەت مۇھىتى يارىتىشىمىز لازىم.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ خۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بېيجىڭدىن ئىبارەت مەركىزى شەھەرنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئالدىن كۆرەرلىك پىلانلاپ، كەلگۈسىدە يېڭى «شەھەر كېسىلى» كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر