باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق خادىملار موگادىشودىكى پارتلاشتا يارىلاندى

2015.07.27 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرىنىڭ جۇڭگونىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، جۇڭگولۇق خادىملار 26- ئىيۇل سومالى پايتەختى موگادىشودىكى «يېرىم ئارال خان ئوردىسى» مېھمانسارىيىدا يۈزبەرگەن پارتلاش ۋەقەسى جەريانىدا يارىلانغان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  26- ئىيۇل سومالى پايتەختى موگادىشودىكى «يېرىم ئارال خان ئوردىسى» مېھمانسارىيى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 15 ئادەم ھۇجۇمدا قازا قىلغان، نەچچە 10 ئادەم يارىلانغان.

  جۇڭگونىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇلتۇر 10 - ئايدا رەسمىي قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن « يېرىم ئارال خان ئوردىسى » مېھمانسارىيىدا ئىش بېجىرگەن بولۇپ، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، ھۇجۇمدا مېھمانساراي بىناسىنىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ، جۇڭگو باش ئەلچىخانىسى تۇرۇشلۇق ئۆيلەرنىڭ بىر قىسمى زىيانغا ئۇچرىغان.ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە، بىر جۇڭگولۇق دىپلوماتىيە خادىمى بۇقېتىملىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان .

  سومالىدىكى رادىكال تەشكىلات « ياشلار پارتىيىسى » بۇ قېتىمقى ھۇجۇم « ياشلار پارتىيىسى »نىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى « ياشلار پارتىيەسى» نى قورشاپ يوقىتىشىدىن ئۆچ ئېلىشى دىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر