باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرما تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا قوشۇلدى

2015.07.27 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن مىللىي قوراللىق كۈچلىرى 24-ئىيۇل رانگوندا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئەڭ ئاخىردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بارلىق مەزمۇنى ھەمدە رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بېكىتىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتى ۋەكىللىرى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ.

  ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بېرما ھۆكۈمىتى بىلەن مىللىي قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدىكى سەككىزىنچى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى شۇ كۈنى رانگوندا ئاياغلاشتى. ئىگىلىنىشىچە ھازىر ئىككى تەرەپ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق بارلىق مىللىي قوراللىقلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا قاتنىشامدۇ يوق دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن.

  بېرما 1948-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت قوراللىقلىرى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. تىيىن سېيىن ھۆكۈمىتى 2011-يىلى مارتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، مىللىي يارىشىش پىلانىنى يولغا قويۇشنى نۇرغۇن قېتىم تەكىتلەپ كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر