باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىدۇ

2015.07.27 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىچىك تارقاق تىجارەتتىن مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتكىچە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى قاپلىغان ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتتىن يېزىلاردىكى 1-،2-،3- كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغىچە،ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  سىچۈەننىڭ چۇڭ جوۋدا بىر خىل يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسى كەنتتىكى قولىدىن ئىش كېلىدىغان كىشىلەرنى بەس-بەس بىلەن رىقابەتلىشىپ، يەرنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تالىشىشقا جەلپ قىلدى. ئەسلىدە، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۆزىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پايغا قوشۇپ، يەر پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان، ئاندىن، كوپىراتىپ تېخنىكا ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلىدىغان، يەر تېرىشكە ماھىر قولىدىن ئىش كېلىدىغان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ بىر تۇتاش باشقۇرغان. راسچوت قىلغاندا، كوپىراتىپ ئالدى بىلەن ھەر مو يەردىن قىلغان كىرىمىدىن مۇقىم سومما ئاجرىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كاپالەت كىرىمى قىلغان، قالغان قىسمىنى ئىككىنچى قېتىم تەقسىم قىلغان.

  ئۇزاقتىن بۇيان، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 مو تېرىلغۇ يەرنى تارقاق ئىگىلىك باشقۇرۇشتەك قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدى. ھالبۇكى، سىچۇەن ئۆلكە بويىچە يولغا قويغان يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئەسلىدە پارچە-پۇرات، تارقاق ئېتىزلارنى مەركەزلىك، كۆلەملەشتۈرۈپ ئىگىلىك باشقۇرۇشقا بولىدىغان چوڭ ئېتىزلارغا ئۆزگەرتتى. كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ تېپىشتەك تەقسىمات ئەندىزىسى ھەم دېھقانلارنىڭ ئاساسى كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم يېزا ئىگىلىكىدىكى دىرېكتور كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  شەندۇڭدا تەمىنات-سودا كوپىراتىپى قۇرغان «يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى» ئەتراپتىكى دېھقانلارغا تېرىقچىلىق، پەرۋىش قىلىشتىن، ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى قىلدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمىتى ئەتراپلىق بولغانلىقتىن، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. نۆۋەتتە، شەندۇڭ ئۆلكىسى 450 مۇلازىمەت چەمبىرىكى قۇردى، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ چەمبىرەكنى 1500دىن ئاشۇرۇپ، قاپلاش نىسبىتىنى % 75 كە يەتكۈزمەكچى.

  مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كەڭلىكىنى ئاشۇردى. مەزمۇنىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن كەسىپ زەنجىرى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزىلارنىڭ 1-،2-،3-، كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى كەسىپ يۇغۇرۇلما پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللىدى، جايلار ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كۆپەيمە قىممەتنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېزا-ئىگىلىكى، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىي ۋە مۇلازىمەت كەسپى يۇغۇرۇلغان زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر