باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

2015.07.27 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 24-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 7 مىليون180 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانىنىڭ % 71.8 پىرسەنتى ئورۇنلانغان. 2-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر-بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.04 بولۇپ، بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيە ساقلاپ قېلىنغان. 2-پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى تەمىنلەش بىلەن تەلەپنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خىزمەت ئىزدۈگۈچىلەر بىلەن خىزمەت ئورنى كۆرسەتكۈچى 1.06 بولغان، بۇ 100 خىزمەت ئىزدىگۈچىگە 106 خىزمەت ئورنىنىڭ توغرا كەلگەنلىكىدىن، خىزمەت ئورنى تەلىپىنىڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى يەنىلا ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلايدۇ، مۇقىم ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر