باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى جايلار شەھەر مۇھىتىنىڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش» مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىشى كېرەك، دېدى

2015.07.28 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك شەھەر مۇھىت تازىلىقى خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى 25-ئىيۇل نىڭشيا خۈيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭۋېي شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جۇڭۋېي شەھىرىنىڭ «گىرامنى پاكىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىش»تىن ئىبارەت تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم جايلاردىن ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ شەھەر تازىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش پىلانى تۈزۈپ، شەھەر مۇھىت تازىلىقىنىڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش» مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئەربابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردا، ئېلىمىزنىڭ مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىپائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئومۇميۈلزۈك ئارقىدا قېلىش ھالىتى تۈپتىن ئۆزگەرمىگەن، «مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش» مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن، مۇھىت تازىلىقى سەۋىيەسى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىدىن خېلىلا پەرقلىق ئىكەن، شۇنداقلا «گۈزەل جۇڭگو» تەلىپىگە يېتەلمەيدىكەن. شەھەر تازىلىقى خىزمىتىدە يەنە داۋاملىق ئەنئەنىۋى، قوپال تازىلىق ئۇسۇلىغا نوقۇل تايىنىشقا بولمايدۇ، تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  يىغىن مەزگىلىدە، جايلاردىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قىسمەن شەھەرلەرنىڭ بۇ خىزمەتكە مەسئۇل شەھەر باشلىقلىرى بىرلىكتە جۇڭۋېي شەھىرىنىڭ «گىرامنى پاكىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىش» ئۇسۇلى بىلەن شەھەرنى قانداق پاكىز تازىلايدىغانلىقىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. «گىرامنى پاكىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىش» دېگىنىمىز بىر خىل ئىنچىكىلەشكەن شەھەر تازىلىقى ئىدىيەسى بولۇپ، ماشىنىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تازىلىشى ۋە ئىشچىلارنىڭ توختىماي تازىلىشى ئارقىلىق، رايون، باشقۇرۇش ۋە باھالاشقا مەسئۇل بولۇشقا قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ، ئاخىرى يولنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىر جايىدىكى چاڭ-توزان 5 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، يەردىكى ئەخلەتنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن ئېشى كەتمەسلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر