خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۆرەتتە ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر ساماررادىكى ساقچى ئىدارىسىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ تو بىلەن مۇخبىر سۆھبەتلىشمەكتە (23-ئىيۇل). جۇڭگونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 27-چېسلا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئىسپاتلىشىچە، ئەلچىخانىنىڭ تىرىشىشى بىلەن، يېقىندا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى يەرلىكتىكى ساقچىلار تۇتۇۋالغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخىئولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ تو ساق – سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، ھازىر ئىراق پايتەختى باغدادقا ئاپىرىلدى، ئەلچىخانىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى؛ ليۇ تونىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئىمكانقەردەر تېز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى