خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى دېخۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 27-ئىيۇل تاڭ سەھەر سائەت 1دە، يۈننەن لياڭخې« 25-ئىيۇل» گۇاڭپىڭ كان قۇدۇقى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ھادىسىسى يۈز بېرىپ 41 سائەتتىن كىيىن، 11نەپەر قاپسىلىپ قالغان كىشى قۇقۇزۋېلىنغان. 25-ئىيۇل ، ئۇدا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ، يۈننەن ئۆلكىسى لياڭخې ناھىيەسىنىڭ خېشى يېزىسى گۇاڭپىڭ قەلەي كېنىنىڭ 3- سېخى ئۆرۈلۈپ لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ھادىسىسى يۈز بەرگەن، 11 نەپەر مەشغۇلات خادىمى قۇدۇق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان.ھازى قۇتقۇزىۋېلىنغانلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى