باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 -يىغىنى يېپىلدى

2015.07.27 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - يىغىنى 24 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن يېپىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 - يىللىق نەق چوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىⅡ نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى»، جۇ شىنيۈەننىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش قارارى ھەم كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش قارارى ماقۇللاندى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپ خەن شياۋۋۇ «3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش» دېگەن مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا دائىمىي كومىتېت قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى» ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنلارنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. ئالدىنقى يىللاردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە يەر ھۆددىگەرلىكى جەھەتلەردە بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى، ئامما بۇ مەسىلىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپلەر ھەم گۇرۇپپا ئەزالىرى قاراپ چىقىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرگە ئاساسەن، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پىرىنسىپىنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىي يۈرگۈزۈشى لازىم؛ نازارەت قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەخسۇس مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەخسۇس مەسىلىلەرنى سۈرۈشتۈرگەندە بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ھەل قىلىش، قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، دوڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجاد سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. (ئاينۇر ئابلىمىت خەۋىرى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر