باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ

2015.07.27 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 24-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى سەۋەبلىك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئوباما ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەدە جاسۇسلۇق قىلىپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جوناسىن پولاردنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

  61 ياشلىق پولارد ئامېرىكىلىق بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئانالىز قىلىش ئورگىنىدا ئىشلىگەن، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى دەپ گۇمانلىنىپ، 1987-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ئامېرىكىدىن ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا: پولاردنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخبارات ئورگىنىغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشىدا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى بار دەپ قاراپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلماي كەلگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر